2009年5月19日

بالىلارسەت گەپ قىلسا قانداق قىلىش كىرەك؟

سەت گەپ-سۆز مەدەنىيەتسىز قىلمىش بولۇپ،بىۋاستە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە تەسىر قىلىدۇ. بۇنداق سەت گەپ
قىلىش بالىلاردا نىسبەتەن كۆپ كۆرۈلىشىدىكى سەۋەپ نىمە؟
1.بالىلار سەت گەپنى ئۈگۈنىۋاتقان بولىدۇ.بالىلاردا ھەق-ناھەق قارشى يوق بولۇپ،ئاتا-ئانىسىمۇ گەپ-سۆزگە دىققەت قىلمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ تۇرمۇش موھىتىدا ياشايدىغانلىغى ئۇچۇن،بەزى قوپال گەپ-سۆزلەرنى قىزىقىش ئىچىدە دوراپ ئۈگۈنىۋالىدۇ.بۇنداق چاغدا ئاتا-ئانىلار كىمدىن ئۈگۈنىۋاتىدىغانلىغىنى ئىنىقلاپ تەربىيە قىلىش لازىم.
2.بالىلار مەجبۇرى سەت گەپ قىلغان قىلىدۇ.ئادەتتە بالىلار ئارىسىدا بىرەر ئىختىلاپ بولۇپ،ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىسىلا ئاچچىغىدا سەت گەپ قىلىغان بولۇشى مۇمكىن.بۇنداق چاغدا ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى قارىسىغا ئۇرۇپ-تىىللىماي،ياكى- بوپتۇ دەپ يول قويماي،ئەكسىچە سەۋرى –تاقەتلىك بىلەن بالىغا مەسىلىلەرگە سەۋرىچانلىق بىلەن يول قويۇش ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا تەلىم –تەربىيە بىرىش لازىم.
3.بالىلار ئادەتلىنىپ سەت گەپ قىلىدۇ.بالىلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەر-بىر ئېغىز سەت گەپنىڭ تەسەرى يامان بولۇپ،ئاتا-ئانىلار بۇنداق بالىلارغا ئىلمى چۇشەندۈرۈش،خاپا چىراي،قاتتىق رەنجىش قاتارلىق ئۇسسۇللار ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىپ،بالىلارغا توغراخاتانى ھىس قىلدۇرۇش،ئاچچىغىنى بىسىشنى ئۈگۈتۈش،سەت گەپ قىلىش تۈگۈتۈش لازىم.
دىمەك،بالىلار يامان ئۈلگە ئىلىپ تاپا –تەنە ئارقىلىق ئەمەس،ياخشى ئۈلگە ئىلىپ ئىلھام ئىلىش ئارقىلىق تەربىيلىنىشى لازىم.