شۇنداق دىققىتىم يىغىپ ،قۇلاق سالسام
كۆڭلۈممۇ پىچىرلايدۇ ئانا تىلدا
ئالەم كىزىپمۇ ھىچ ئوخشىتالمايمەن
دىلىممۇ يايرايدۇ شۇ ئانا تىلدا
راست بۇ كۇنلەردە ئانا تىلىم خار بولدى
بۇنىڭغا بەزى نائەھلىلەرئارا بولدى
ئىتىراز دىمىدۇق يا كۆڭۇل بەرمىدۇق
نۇرغۇن ئوغۇل-قىزلىرىمىز گاچا بولدى
مەرىپەت بىغىدا تىلىم ئاستا ئۆچتى
ھەممە بەس-بەستە ئاكتىپ،يىزىق كۆچتى
بىلەلمىدۇق قەدرى ،بىر زامان كىلىدۇ
ئاپلا ،ئۇ چاغدا ھەم ئۇيغۇر كۆچتى
ھەممىمىز قاخشاپ، تۇگۇمەس مۇنازىر
ئايىغى چىقمىدى ،يوق باش قەھرىمان
قانۇنغۇ توغرا ھوقۇقمۇ بەردى
ھەق گەپ قىلالماس، ھىچ-بىرقەھرىمان
ۋاي دات دەپ ئەگەر كوچىغا چىقسا
نادانلىق دىدۇق،كاللا كىتىدۇ
ئۇن دىمەي ئۆتۇپ،ئاچچىقنى يۇتۇپ
يىللار ئۆتكەندە پۇرسەت كىتىدۇ
ھىچ ئاغرىنمايمىز ياۋ دوسلاردىن
ھەممە ئەيىپ بىزدە ،تەتۇر پەلەكتە
ئاقىللار ئۆم بوپ، بىرلىك كەلسىدى
مىڭ چارە تەييار ،يەتتۇق تىلەككە