2009年4月8日

بالىڭىز بەكمۇ يۇۋاش بوپ كەتمىسۇن

ئائىلە تەربىيىسى تەجىربە -ساۋاقلارنى يەكۇنلىسە شۇنى ھىس قىلغىلى بولۇدۇكى-تۆت نەرسە ئىنتايىن موھىم.ت
بىرى:قويۇق پەرزەنتلەر مۇناسىۋىتى قۇرۇش،يەنە بىرى:ئاۋال بالىنىڭ ئەخلاقى تەربىيىسىگە،ئاندىن ئەقلى تەربىيىسىگە دىققەت قىلىش،ئۈچۈنجى بىرى:بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىگە ياردەم بىرىش،تۆتىنجى بىرى:بالىلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا يۇزلىنىش ۋە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۇرۇشكە ياردەم بىرىش لازىم.ت
ھازىر كۆپۇنچە ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ يۇۋاشلىغىدىن بەك خۇش،ياكى يۇۋاش بولسىدى دەيدۇ،ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل خاتا قاراش.بىز مۇنداق يۇۋاش بالىلارنى تۇركۇملەپ يىتىشتۇرۇپ چىقساق كەلگۇسىدە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ياخشى بولغان ئۆز-ئۆزىنى نامايەندە قىلىدىغان مۇستەققىلىقىدىن مەھرۇم قىلغان بولىمىز.ھەتتا ئۇلارنىڭ يىڭىلىق يارتىش روھىنى بىججىت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەلگۇسىدە ماسلىشىپ ياشاش ئىقتىدارىمۇ بولمايدۇ.بۇغۇ يالغۇز ئاتا-ئانىلار قارشى بولماستىن پۇتكۇل جەمىيەتمۇ شۇ-يۇۋاش بالىلار ياخشى دەيدۇ،شۇڭا مەكتەپتە ئچتە ياخشى ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپۇنچىسى قىزلار.بولۇپ بۇ ئاتالمىش ئۇچتە ياخشى ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىسىددا بىرمۇ كەپسىز بالا يوق.ئەمىليەتتە كەپسىز بالىلار-ئەڭ ئەقىللىق بالىلار،ھەق-ناھەق قارشى ئىنىق بالىلار،روھى ساغلام بالىلار،ماسلىشىش ئىقتىدارى يۇقۇرى ياشاشقا تامامەن لاياقەتلىك بالىلار.ئەگەر جەمىيەت،مەكتەپ بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلار مۇنداق بالىلارنى توغرا يىتەكلىسە ئۇلار-كەپسىز بالىلار كارامەت تالانىت ئىگىللىرىدۇر.ت