ھەممە ئادەم باشقىلار بىلەن ياخشى چىقىشىپ ئۆتۈشنى خالايدۇ.ھەر كىمنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت قىلىشتىكى مۇدداسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن،تەلەپ ۋە ئۈممۈتىمۇ ئوخشىمايدۇ.شۇنداقتىمۇ ،پىسخولوگلارنىڭ قارشىچە تۆۋەندىكى 5ئامىل مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ياردەم بىرەلەيدىكەن.ت
سەمىمىيەتلىك:بۇ، ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسى بولۇپ ،بارلىق مۇناسىۋەتنىڭ ۋاستىسى،ئۇسۇلى سەمىمىيەتلىكنى چىقىش قىلىش لازىم.سەمىمىيەتلىك چىراي-تۇرقىدا ئەمەس،بەلكى روھى-قەلىبتە ئىپادىلىنىدۇ.ساختا ،ئالدامچىلىق ھامان رەسۋا بولىدۇ.ت
ئۆز-ئارا يول قويۇش:بۇ ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ شەرتى بولۇپ، ھەرگىز بىر ياقلىمىقىلىقلا- باشقىلار بىزنى ياخشى كۆرۇپ،بىز باشقىلارنى ياخشى كۆرمەي بىزنى ئارىغان مۇناسىۋەت بولماستىن،ئىككى ياقلىمىقىلىق-باشقىلار بىزنى ياخشى كۆرىدىغان،بىزمۇ باشقىلارنى ياخشى كۆرىدىغان مۇناسىۋەتتۇر.باشقىلارنىڭ بىزنى ياخشى كۆرىشى - ئاۋال، بىزنىڭ باشقىلارنى ياخشى كۆرىشىمىز شەرتى ئاساسىدا بولىدۇ.چۇنكى:بىرى ،ھەممە ئادەمدە بىزدەك كۆڭۈل تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش مايىللىغى بار.يەنە بىرى، بىزمۇ كۆڭلىمىزنى مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان كىشىگە بىرىپ قويىمىز. ت
ئەھمىيىتى بولۇش:قارشى تەرەپ سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىشىشنى ئەرزىيىدۇ دەپ قارىشى ،سىزمۇ قارشى تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىشىشنى ئەرزىيدۇ دەپ قارىشىڭىز لازىم.ت
دىمەك ،كىشىلىك مۇناسىۋەت -كىشىلەر ئارىسىدىكى نەرسە ئالماشتۇرۇش ياكى ھىسىيات ئالماشتۇرۇش ۋە ياكى باشقا نەرسە ئالماشتۇرۇش بولۇپ،ئۆز ئارا تولۇقلايدىغان،ئۈگۈنىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.ت