بۇ يەردە ئىسلام دىنىنىڭ قانداق دىنى ئىكەنلىگنى قەيت قىلىپ ئۆتۇش بۇ يازمىنى ئوقۇيالىغانلىكى كىشىگە نىسبەتەن ئەلۋەتتە ئارتۇقچە،،چۇنكى ئىسلام دىنى دىيارىمىزغا يىتىپ كەلگەن12ئەسىردىن بۇيان ئاتا-بوۋۇللىرىمىز ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇرتلىرى بولۇشى بىلەن تارىخلاردا كارامەت ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان.تارىخ ئوقۇمىغان دىسەكمۇ ،مۇشۇنداق قاغجىراپ كىتىپ بارغان بۇ كۇنلەردىمۇ ئۆيىمىزدىكى بوۋاي-مومايلىرىمىز ياكى مەھەللە -كويدىكى موللا-ئۆلىمالىرىمىز،دوقا-دوقمۇشلاردىكى مەسچىتلەردە ھىلى ھەم جامائەتلىرىمىز كۈندە مۇسۇلماننىڭ ئەڭ چوڭ بەلگۇسى،ئىسلامنىڭ جەۋھىرى بولغان نامازنى تەرىك ئەتمەي تۇرۇپتۇ،ئىش-ھەركەتلىرىدە ئىسلام قائىدە -يوسۇنى چىقىپ تۇرۇپتۇ.مانا بۇ كۆز ئالدىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى تەييار پۇرسەت ھەر-بىر ئاتا-ئانىغا،پەرزەبتلەرگە تىپىلغۇسىز شارائىت.چۇنكى ھازىرقى زامان تەلىم -تەربىيەسىنىمۇ، ئاۋال ئىسلام دىنى تەربىيىسىدىن باشلاشنىڭ بالىلارنىڭ كەلگۇسىدە ھەممە تەرەپتىن توللۇق يىتىلىپ چىقىشىنىڭ چوڭ كاپالىتى ئىكەنلىگىنى چۈشۈنۈش لازىم.ئادەم روھنى يىتەكچى قىلغان روھ بىلەن تەننىڭ سىرلىق بىرلىشىشى بولۇپ،ھەر قانداق ئادەم، ھەر قانداق چاغدا ئۆز روھىنى قاماللاپ تۇرغان بىر سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ-دە تەبىئلا ئادەم ئىڭىدا شۇ كۇچكە ئوخشىمىغان شەكىلدە تىۋىنىش يەنى سىغىنىش،ئىشىنىش ھىسى بولىدۇ.بۇ كۈچ دەل ئىلاھى كۈچ بولۇپ ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ،لىكىن ئاەمنىڭ بۇ ئىلاھى كۈچنى تونۇش سەۋىيەسى ۋە ئۇلۇغلاش شەكىللىرى ئوخشىمىغان زامانلاردا ئوخشىمايدۇ،شۇنىسى ھەقىقەتكى پەقەت ئىسلام تەلىمىلا ئەڭ توغرا تونۇشقا،ئەڭ توغرا قائىدە-تۈزۈمگە ئىگە بولۇپ،ئىنساننى توغرا يولغا باشلىيالايدۇ.بۇ جەھەتتە مۇنازىرە كەتمەيدۇ،شۇنداقتىمۇ ئويلاپ باقساق بولۇدىكى ئادەمنىڭ يارىتىلىشىدىكى
مەخسەت نىمە؟ ۋەزىپىسى نىمە؟ھوقۇقى نىمە؟ئەڭ چوڭ نىئىممىتى نىمە؟ياشاشتىكى توغرا يولى نىمە؟كەلگۇسى نىمە؟دىگەبدەك بىر تالاي سۇئاللار ئۈستىدە تەھلىلى قىلساق قايىل بولماي تۇرالمايمىز.يۇقارقى سۇئاللارغا مەن چۇشىنىدىغان جاۋاپ شۇكى-ئاللا ئادەم يارىتىشنى ئىرەدە قىلغانلىق سەۋەبى بىلەن ئادەمنى ياراتتى.ئادەمگە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئەۋلات قالدۇرۇپ زىممىننى ئاۋات قىلىشنى ۋەزىپە قىلدى.شۇنداقلا ئادەمگە ھاياتلىغىدا مۇسۇلمان بولۇش ياكى كاپىر بولۇشنى تاللاشتەك چوڭ تاللاش ھوقۇقىنى بەردى.ئادەمگە مىھرىبانلىق قىلىپ مۇقەددەس قۇرئان كىتاپنى چۈشۈرۈپ،ھورمەتلىك مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ،پۇتۇن مەۋجۇداتنى ئادەمنىڭ خىزمىتىدە قىلىپ بەردى.ئىسلام دىنى يولىنى ياشاشتىكى ئەڭ توغرا يول قىلىپ كۆرسىتىپ بەردى.كەلگۈسىدە مۇسۇلمانلارغا بۇ دۇنيادا خاتىرجەملىك،ئۇ دۇنياداجەننەتنى ئاتا قىلىپ،كاپىرلارغا بۇدۇنيادا خاتىرجەمسىزلىكمنى،ئۇ دۇنيادا دوزاقنى ئاتا قىلىپ بەردى.ت
خوش ،ئەگەربالىلارغا ئاۋال ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ كىچىگىدىن يۇقارقى تەلىماتلانى بەرسەك،ئۇلاردا تەبىئىلا ئىلاھى كۈچ-ئاللادىن قورقۇش بولىدۇ-دە،ئۇلارنى ئاسانلا باشقۇرىۋالغىلى بولىدۇ.بىزنىڭ كىچىك چىغىمىزدىن ئاڭلاپ كىلىۋاتقان- يامان بولىدۇ سۆزى كۆپۈنچە توغرا بولغان ئىلاھى بۇيرۇق بولۇپ،بۇنىڭ ئادىمىيلىكنىڭ بەلگۇسى-ئەخلاق تەربىيىسى ئىلىپ بىرىشتىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.جەمىيىتىمىزدە ھازىر ئىغىزغا ئالغۇسىز دەرجىدە ئەخلاقتا بۇزۇلۇش بولىۋاتىدۇ،نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانا بالىلارغا كىچىگىدە ياخشى ئەخلاق تەربىيەسى بەرمىگەنلىكىگە زور بەدەل تۆلەۋاتىدۇ.بىلگەنلىرى ئۆزىمىزدىن ئۆتتى دەپ خاتالىغىنى تونىسا،بىلمىگەنلىرى بالىلاردىن ئاغرىنىپ مەسئۇلىيەتنى جەمىيەتكە ئارتىۋاتىدۇ.ئەگەر قانۇن-تۈزۈم،باشقۇرالىسا ئىدى،مۇنداق ئوغرىلار،زىناخورلار،قاتىل-بۇلاڭچىلار ئاۋۇپ كەتمەيتى.ئاخىرىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ كاللىسىنى سىلكەپ ئويلۇنۇپ ،ئىشنى بىسسىمىللا دەپ نامازدىن باشلىسا،ئاللا ھىدايەت قىلىپ ياخشىلىىق ئاتا قىلسا ئەجەپ ئەمەس.ناماز-ئۇ بىر شەكلەن ھالەتلا بولماستىن تەسەۋۇر قىلغۇسىز لەززەت،تەننىڭ پاكلىغى،كۆڭۇلنىڭ ساپلىغىغا داۋا بۇلاق سۈيى،ھەققانىيەت ئۈچۈن بىرىلگەن چىنپۈتمەس ۋەدە،يامانلىقتىن توسۇپ،ياخشىلىققا بۇيرۇيدىغان كۆرسەتكۇچ...ئەيتاۋۇر ناماز تىل بىلەن ئىپادىلىگۇسىز ئىسىل خىسلەتلەرگە ئىگە،بۇنى ئوقۇغان ئادەم بىلىدۇ.
بالىلارنى مۇشۇ ئاڭ بىلەن تەربىيلىسەكلا ئۇلار كەلگۈسىدە ئەخلاقى،ئەقلى ۋە جىسمانى ياقتىن ياخشى تەربىيلىنىپ، 10 نەچچە ياشقا بارمايلا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى ئوبدان ئىلىپ كىتلەيدۇ