2009年4月4日

بالىلارنىڭ ئۈگۈنىشىگە يىتەكچىلىك قىلىش

گەرچە ھازىرقى مۇئارىپ تۇزۇلمىمىز بالىلارنىڭ ھەر -قايسى تەرەپتىن نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىگە دىگەندەك ماس كەلمىسىمۇ،لىكىن بالىلار مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان ئائىلە تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىمەيمۇ ئامال يوق
بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىنى دىسىلا بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ بىشى ئاغرىيدۇ،ئەمىليەتتە باشلانغۇچ باسقۇچىدىكى بالىلاردا ئۆزىنى بىلىپ،ئاڭلىق تونۇش ئىدىيىسى تىخى پىشىپ يىتىلمىگەنلىكتىن،ئۇلارنىڭ سەبى كۆڭلىدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمايدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشنى چالا-پۇلا قىلىپلا بولدى قىلىدۇ.شۇڭا تاپشۇرۇق ئىشلەشتىمۇ،ئاتا-ئانىلار بالىلارغا يىتەكلچىلىك قىلىشنى كۇندىلىك خىزمىتىگە ئايلاندۇرۇش لازىم
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يىتەكچىلىك قىلىشتا قايسى ئىشلارغا دىققەت لازىم؟
بىرىنجى:بالىغا ھەمرا بولۇپ تەڭ ئوقۇشۇپ بەرمەسلىك،بۇنداقتا بالا جىددىيلىشىپ كىتىدۇ
ئىككىنجى:ھەدەپ ئۇنداق-مۇنداق دەپ كۆرسەتمىلىك قىلماسلىق،بۇنداقتا بالا ئۆزى كاللا ئىشلەتمەيدۇ
ئۈچۈنچى:بالىنىڭ ئورنىدا تاپشۇرۇق ئىشلەپ بەرمەسلىك،نەرسى-كىرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ بەرمەسلىك،بۇنداقتا بالا ھورۇن بولۇپ قالىدۇ.ت
ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىش كىرەك؟
بىرىنجى:ئاۋال بالىنىڭ ۋاقتىدا تاپشۇرۇق ئىشلەش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش لازىم،ياخشى ئادەت كۇندە داۋاملاشتۇرۇشتىن كىلىدۇ
ئىككىنجى:بالىلاردا ئۆزى مۇستەقىل تاپشۇرۇق ئىشلەش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش لازىم،ئاتا-ئانىلار كىچىك ۋاقتىدا بالىنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ ئاز-تولا يىتەكلەپ بەرسىمۇ ،كىيىنچە بارا-بارا بالىلارنىڭ ئۆزىگە قويۇپ بىرىپ،بالىنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىش لازىم
ئۈچۈنجى:تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولغاندىن كىيىنمۇ،ئاتا-ئانىلار ئىلھام بىرىپ ،بالىلار ئۆزىگە تاپشۇرۇقىنىڭ توغرا -خاتاسىنى يەنە بىر قىتىم تەكشۇرتۇش لازىم،بۇنداقتا نىمە ئۈچۈن خاتالىق كۆرۇلىدۇ بالىلارغا تىخىمۇ ئىنىق بولىدۇ
تۆتۈنجى:بالىلار قىيىن مەسىلىگە يولۇققاندا ئاتا-ئانىلار بىريوللا ھەل قىلىپ بەرمەستىن،بالىلارغا قايتا-قايتا چۇشەندۇرۇپ،ئاندىن جاۋاۋىنى قەدەمۇ-قەدەم بىشارەت بىرىپ، ئاخرىدا بالىلارنى ئۆزى يەنە داۋاملىق ئويلاشقا ئىلھاملاندۇرۇش لازىم
 قىسقىسى،ئاتا-ئانىلار سەۋرى- تاقەت قىلىپ، دەسلەپكى باشلانغۇچ ئوقۇش مەزگىلدە چوقۇم بالىلارنىڭ يىنىدا ئولتۇپ ،بالىلاردا ئۆزلىكىدىن ئۇگۇنۇش قىلىشتەك ياخشى ئادەتنى يىتىلدۇرۇش لازىم