2009年4月5日

بىزنىڭمۇ تۇپراق بىشىغا چىقىدىغان ئادىتىمىز بار

خەنزۇلارنىڭ ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان قەۋرە سۈپۈرۈش بايرىمى، قانۇندا بەلگۇلەنگەن ئەنئەنىۋى بايرام بولۇپ ،ھىس قىلىشىمچە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور ئىكەن.بۇ كۈندە خەنزۇلار چوڭ-كىچىك ئائىلە بويۇنچە قەۋرىستانلىققا چىقىپ، ئۆلۈپ كەتكەن ئەجداتلىرىنىڭ روھى ئۈچۇن، ئادىتى بويۇنچە كۈجە كۆيدۈرۈپ دۇئا تالاۋەت قىلىدىكەن.پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەت ئۆز مەدىنى يادىكارلىقلىرىنى،ئۆرۇپ ئادەتلىرىنى قىزىپ، ھەدەپ كۆككە كۆتۈرۈپ مىللى خاسلىقىنى نامايەن قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،جۈملىدىن بىز ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئەلۋەتتە يوقۇلۇش گىرداۋىغا بىرىپ قالغان نى ئىسىل ئۆرۇپ-ئادەت، ئەن-ئەنىللىرىمىزنى تىخىمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ قىزىشىمىز،ۋە ھازىر يىراق يىزا-قىشلاقلاردا ساقلىنىپ داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزنى قوغدىشىمىز،ساقلىشىمىز،داۋاملاشتۇرىشىمىز لازىم،بۇ ئارقىلىق ھازىرقى ئۆزىنى تونىيالمايۋاتقان ياش ئەلاتلارغا جانلىق مىللەتپەرۋەرلىك تەلىم-تەربىيىسىنى بەرگىلى،كەلگۈسىدە بىز ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز مىللەت سۈپۈتىدە ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملاشتۇرۇپ ماڭالايدىغان ئەۋلاتلارنى يىتىشتۈرۈپ چىققىلى ھەم بولىدۇ.ت
تارىختا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان توھپىسى زور بولۇپ،بىلىشىمچە ئۆلكە ئازات بولغاندىن بۇيان بۇ جەھەتتىكى يازمىلار كۆپلىگى ھەم تەسىرلىكلىگى بىلەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ-يۇ،بۇ بايانلاردىكى ئۆرۇپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ يوقالغىنىدىن پەيدا بولغىنى ئاز، قىسمەنلىكىدىن ئومۇملاشقىنى ئاز،ئىنكار قىلىنغىنىدىن ئىتىراپ قىلىنغىنى ئاز.بۇ ھەقتە يەنە گەپ قىلس،گەپ ئاۋۇپ كىتىدۇ ھەم يەنە نۇرغۇنلىغان يازمىلار بىلەن تەكرار بولۇپ قالىدۇ.ئۆزىمىزنىڭ گىپىگە كەلسەك،بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خەنزۇلارنىڭكىدەك قەۋرە بىشىغا چىقىپ ئۆلگەن ئۇلۇغلىرىمىز،قەھرىمانلىرىمىز، ئاتا-بوۋىللىرىمىز، ئۇرۇق-تۇققان،دوس-بۇرادەرلىرىمىزنىڭ روھى ئۈچۈن دۇئا تالاۋەت قىلىدىغان ئەڭ ئىسىل،توغرا بولغان،موھىت ئاسرايدىغان، پايدىسى كۆپ ئۆرۇپ-ئادىتىمىز بار.بۇ ئادىتىمىزنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق قائىدە -تەرتىپلىرىمۇ بار.موھىمى ئۆلۇمنى ياد ئىتىپ ھاياتلىقنى قەدىرلەشتە،ئەجداتلارنى ياد ئىتىپ ئەۋلاتلارنى تەربىيلەشتە،مىللى غۇرۇرىنى كۇچايتىپ ئۆز-ئارا ئىتىپاغلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا مىللەتپەرۋەرلىك،ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى كىچىگىدىن باشلاپ بىرىپ،ھەر بىر ئۆرۇپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ تارىغىنى ئاۋال ئۆزى بىلىشى،ئاندىن بالىغا توغرا بىلدۈرىشى لازىم،بالىلارنىڭ بۇ ئىشتا قانداق پوزۇتسىيەنىڭ بولۇشى يەنىلا ئاتا-ئانىغا باغلىق.ھەممە ئادەم ئۆز ئىشىغا پۇختىلا بولۇپ بالىلارنى ياخشى تەربىيلىسە،ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتىپاق ئۆتسە،ئۆزىنىڭ ئەقەللى قانۇن ئالدىدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى بىلسە چوقۇم كەلگۈسىمىز پارلاق بولىدۇ،باياشاتلىق ھەرگىز بايلىقتىلا ئەمەس بەلكى ئاق-قارىنى،ھەق-.ناھەقنى پەرىق ئىتىشتە،ئىنكاس قايتۇرۇشتا
ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ مىللىتىمىزنىڭ قەنداق ئۆرۇپ -ئەدەتلىرى بارلىغىنى ئويلاپ ساناپ،خاتىرلەپ قويۇشىنى ئۈممۈت قىلىمەن.ت