2009年4月5日

بالىلار ئوقۇشتىن بىزار بولغاندا

ھەر قىتىم تەتىلدىن يىغىلىپ ئوقۇش باشلىغاندا ياكى ھەر دۇيشەنبە ئوقۇش باشلىغاندا، كۆپۇنچە بالىلارنىڭ ئەركىن-ئازادە ئۆيىدىن،تۈگۈمەس ئويۇن -تاماششادىن قىيىمىغان-يەنە ئوقۇشتىن زىرىككەن ھالدا بوينىدىن باغلىغاندەك مەكتەپكە ماڭغانلىغىنى كۆرىمىز.ئوقۇشتىن بىزار بولۇش ھازىرقى ئاتا-ئانا،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىشىنى ئاغرىتىۋاتقان چوڭ مەسىلە .مۇنداق مەكتەپتىن زىرىككەن بالىلارغا راستىنلا تۇزۇك ئامالمۇ يوق .گەرچە مەكتەپتىن زىرىككەن بالىلارنىڭ سەۋەپلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ ،يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكى بىر-قانچە سەۋەپتىن بولۇشى مۇمكىن.ت
بىرىنجى:ئائىلە مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس،ئاتا-ئانىسى داۋاملىق بالىنىڭ ئالدىدا ئۇرۇشۇپ-تاكاللىشىدۇ،ئەپ ئۆتمەيدۇ،ئەسلىدىن ئىللىق،خاتىرجەم بولۇشقا تىگىشلىك ئۆي بالىلارغا ئەمدى بىخەتەر ،كۆڭۈللۇك تۇيلمايدۇ-دە ئەتراپتىكى ئىشلاردىن، جۈملىدىن ئوقۇشتىنمۇ بىزار بولىدۇ.ت
ئىككىنجى:ئاتا-ئانىنىڭ تەلىۋى بەك يۇقۇرى،بەزى ئاتا-ئانىلار ھەدەپ بالىسىنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرۇپ ،مەسىلىنىڭ نىگىزىنى ئۈگۈنۈشنىڭ موھىملىغىغا قويۇپ بالىلارغا بىسىم ئىلىپ كىلىدۇ-دە بالىلاردا ئاتا-ئانىسىغا قارشى ھالدا ئەكسىچە ئۈگۈنۈشتىن قاچىدۇ.ت
ئۈچۈنجى:بالىلىق مەزگالدىكى مىجەزنىڭ تەبىئىلا ئىتتىك بولۇشى،ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مىجەزى ئىتتىك بولۇپ ئاسانلا ھاياجانلىنىدۇ ،قارشىلىق قىلىش ئىددىيىسى كۇچلۇك بولىدۇ-دە ئاتا-ئانىسى بىلەن تاكاللىشىدىغان،ئۆيدە زومىگەرلىك قىلىدىغان بولىۋالىدۇ.ڧىزولوگىيەلىك ئاممىللارنى ئالغاندا توي قىلىش يىشىغا يەتكەن بالىلادا(شۇڭا دىنىمىز بالىلار18 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن توي قىلسا ياخشى دەپ قارايدۇ) ئەلۋەتتە تىخىمۇ مىجەسى چۇسلۇق بولۇپ ئوقۇشتىن ئەسلا زىرىكىدۇ.ت
مۇنداق ئاھۋالدا ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىش كىرەك؟
ھەر-كىم ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ئىش تۇتۇپ ئىمكان بار بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا پايدىلىق بولغانلىكى ئىشلارنى قىلىپ بىرىش لازىم.يەنى
بىرىنجى:ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ۋاقىتلىق ئوقۇشتىن زىرىكىشىنى توغرا قاراپ،چۈشۈنۈش لازىم
ئىككىنجى:ئائىلىدە ئەر-ئاياللار ئىتىپاق بولۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە خۇشال كەيپىياتنى يارتىپ،بالىنىڭ ئۈگۈنۈشىگىلا كۆڭۈل بەرمەي بالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشىپ،بالىغا ئىللىق ئائىلە تۇيغۇسىنى ھىس قىلدۇرۇش لازىم
ئۈچۈنجى:بالىغا بەك يۇقۇرى تەلەپنى قويۇپ بىسىم ئىشلەتمەسلىك لازىم،ھازىرقى بالىلارنىڭ بىسىمى ئاتا-ئانىلارنىڭكىدىن قىلىشمايدۇ،مەكتەپتىكى بىسىممۇ يىتىپ ئاشىدۇ.ت
تۆتۈنجى:ئەگەر بالىلار توي قىلىش يىشىغا يەتسە ھەم بالىلارنىڭ شۇ ئارزۇسى كۇچلۇك بولسا ئالى مەكتەپكە چىققاندا تويىنى قىلىپ قويسا تىخىمۇ ياخشى بولۇپ،بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى تىخىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق.ت
دىمەك،ئاتا-ئانىلانىڭ بالىلارغا بولغان ھەقىقى ئۈممۈتى- بالىللىرىمىزنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە ئۈگۈنۈپ ئەخلاقى ئەقلى ۋە جىسمانى تەرەپتىن تەڭ يىتىشىپ چىقىشقا ئىلھام بولسۇنكى ھەرگىز بىسىم بولۇپ قالمىسۇن.ت