2009年4月6日

كۆڭۈلدىكىدەك ئاتا-ئانا بولۇڭ

دۇنيادا ھەممە نەرسىنى تاللىۋالغىلى بولسىمۇ ،ئاتا-ئانىنى تاللىۋىلىش يوق.شۇنداقتىمۇ ئاتا-ئانىلار ھەددىدىن ئاشماي ئۆزىنىڭ بالىلار ئالدىدىكى ئادىمىيلىك مەسئۇليىتىنى ئەستائىدىل ئويلاپ باقسا بولىدۇ.شۇڭا تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن ئۆزىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈڭ
بىرىنجى:گەپ -سۆز،ئىش-ھەركىتىڭىزگە دىققەت قىلىپ ،ياخشى ئۈلگە بولۇڭ
ئىككىنجى:ھەر ئىشتا بالا بىلەن مەسلىھەت قىلىپ،پىكرىنى ئىلىڭ،دائىم پاراڭلىشىپ تۇرۇڭ
ئۈچۈنجى:بالىلارغا مۇستەققىلىق بىرىڭ،ھەممە ئىشىغا چات كىرىۋالماڭ،ئەمىلى تۇرمۇشقا چۆكسۇن- پۇرسەت بىرىڭ
تۆتۈنجى:بالىلارغا ئىشىنىڭ،بەكمۇ ئۆزەمچى بولىۋالماڭ
بەشىنجى:بالىلارغا بولغان كۆيۈنىشىڭىزنى بىلەن سالاھىتىڭىزنى مۇۋاپىق بىلدۇرۇپ تۇرۇڭ
ئالتىنجى:بالىلارغا بولغان پوزۇتسىيىڭىز سىلىق بولسۇن،تولا كوتۇلدىماڭ،ئاغزىڭىزنى ئىتتىك قىلماڭ
يەتتىنجى:ھەر ۋاقىت سىزمۇ ئۆزىڭىزنى تەربىيلەپ،دەۋرىگە،بالىلارنىڭ سەۋىيەسىگە ماسلىشىڭ
سەككىزىنجى:بالىلارنىڭ ھەر-تۈرلۇك ئىھتىياجىنى چۇشۇنۇڭ ھەم توغرا كۈزۈتۈپ ھۆكۇم قىلىڭ
توققۇزىنجى:دائىم مەكتەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ،بالىنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسىنى ئۇقۇشۇڭ
ئونىنجى:بالىلاردا چوقۇم توغرا ئەخلاق قارشى ۋە مەسئۇلىيەت قارشىنى يىتىلدۇرۇڭ
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتا-ئانىلار يەنە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم
بىرىنىجى:ئۆزىڭىزنى ئاتا-ئانا دەپ قالتىس چاغلاپ ،ئۆزىڭىزنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرىۋالماڭ
ئىككىنجى:بالىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش،قىز-ئوغۇل دەپ ئايرىماڭ
ئۈچۈنجى:بالىلارنى ياخشى-يامان دەپ ئايرىماڭ
تۆتىنجى:تاماكا چەكمەڭ،ھاراق ئىچمەڭ،قىمار ئوينىماڭ،ناماز ئوقۇڭ
بەشىنجى:بالىلار خاتالىق ئۆتكۇزدە ئۇرۇپ- تىللاپ داۋراڭ سالماڭ
ئالتىنجى:ئەر-خوتۇن ئىناق -ئىتىپاق بولۇڭ،جىدەل-ماجرا قىلماق
يەتتىنجى:تالادىكى ئاچچىقنى،خىزمەتتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۆيگە ئەككىرمەڭ
سەككىزىنجى: بالىنى كىتاپلا كۆردىمەي،ئۇلارنى ئۆي ئىشى قىلىشقا يول قويۇڭ
توققۇزۇنجى:ھەر-ۋاقىت سىياقىڭىزغا دىققەت قىلىڭ،ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ
ئونىنجى:ھەرگىز كونا خىماننى سورۇپ بالىنى ئەيىپ قىلىۋەرمەڭ