2009年4月7日

بالامنىڭ ۋەدىسى

ئەتتىگەندە تۇرىمەن،
يۈز كۆزۈمنى يۇيىمەن.
بىسىسىمىللا دەپ چاي ئىچىپ،
مەكتىۋىمگە يۈرىيمەن.

مەكتىۋىمىز بەك يىراق،
ئامالىمىز بار بىراق.
يولدا دىققەت قىلىمەن،
بىلىپ ئوڭ سول ،كۆك چىراق.

سىنىپ ئىچى يوپ يورۇق،
ھەممە باللار كەپ بولدۇق.
مۇئەللىم دەرس ئۆتكەندە
ئاڭلاپ تۇرىمەن تولۇق.

ئەگەر بولسا بىلمىگەن،
قول كۆتۈرۈپ سورايمەن.
مۇئەللىم قايتا دەپ بەرسە،
ئەستائىدىل قارايمەن.

دەرستىن چۈپلا قايتىمەن،
ئۇدۇل ئۆيگە بارىمەن.
ئىشىكتىن كىرىپ ئەسسالام،
چوڭلار خۇشال رازىمەن.

تامىغىمنى يەپ بولۇپ،
بىر دەم ئارام ئالىمەن.
تېلىۋۇزورمۇ كۆرمەيمەن،
ئۈگۈنۈشۈمنى قىلىمەن.

شەنبە يەكشەنبە دەم ئىلىش،
ئۇيقۇم قىنىپ قوپىمەن،
چاي پاي ئىچىپ بەھۇزۇر،
دەرس تەكرار قىلىمەن.

ئىشلەپ بولۇپ تاپشۇرۇق،
ئەمدى ئوينايمەن تاماشا.
نەدە دوسلار مەن باراي،
رۇخسەت ماڭا كەڭ تاشا.

دادام، ئاپامغا رەھمەت،
ئاش، نان، كىيىم بېرىدۇ.
ياخشى ئوقۇپ چوڭ بولۇپ،
مەن باققاندا قېرىيدۇ.

خاتىرجەم بول چوڭ دادا،
يانا سەنمۇ چوڭ ئانا.
چوقۇم ياخشى ئوقۇپمەن،
دوختۇر بولىمەن قىل دۇئا

ئوغۇل بالا ۋەدەم شۇ،
بۇ گىپىمدىن يانمايمەن.
ئىشەنمىساڭ قاراپ تۇر،
راست ھىچكىمدىن قالمايمەن