يۇرتۇم سەھرا،ئەجەپ سىغىندىم باھارىڭنى
خۇش-پۇراق چاچقان،چىچەك-چوكان تاللىرىڭنى
ياپيىشىل بۇغداي،ئۈرۈك چىچىگى،ئۈژمە پىشىغى
سايراپ تۇرغان ھۆپۇپ،قۇشقاچ باغلىرىڭنى
يۇرتۇم سەھرا،ئەجەپ سىغىندىم باھارىڭنى
سۇلار ئاققان شىلدىر-شىلدىر ئىرىغىڭنى
كۆچەت تىكىپ،باراڭ ئارتىپ ،چۆنەك كولاپ
يازلىق ئوتياش،قوغۇن-تاۋۇز تىرىغىڭنى
يۇرتۇم سەھرا،ئەجەپ سىغىندىم باھارىڭنى
قوي،كالىلار مەرەپ، مۆرەپ،پۈركۈشىنى
توپ-توپ بالىلار قىيا-چىيا يالاڭ ئاياق
كىپىنەك قوغلاپ،گۈللەر ئارىلاپ يۈگرۈشىنى
يۇرتۇم سەھرا،ئەجەپ سىغىندىم باھارىڭنى
قىتتىق،قايماق،بىدە كۆكى چۆچۈرۈڭنى
ھورنان،سۇت ئاش،ئوماچ،سۇيقاش يەنە،يەنە
قىتىپ كەتكەن بۇغداي-قوناق نان چۆپۈڭنى
يۇرتۇم سەھرا،ئەجەپ سىغىندىم باھارىڭنى
كۆپ-كۆك ئاسمان،ئاپپاق بۇلۇت،قۇياشىڭنى
ئايدىڭ كىچە،سانسىز يۇلتۇز،كۈر-كۈر پاقا
جانغا راھەت غۇر-غۇر مەيىن شامالىڭنى
يۇرتۇم سەھرا،ئەجەپ سىغىندىم باھارىڭنى
ئەمگەك قايناق ئىرىق-ئۆستەڭ ئىتىزىڭنى
ئىشلەپ ھارماي-يا زارلىماي ئۆمۈر بويى
كۆڭلى ئاپپاق جاپاكەش- شۇ دىھقىنىڭنى
يۇرتۇم سەھرا،ئەجەپ سىغىندىم باھارىڭنى
ھەتتاكى تاقىر ساي،جىلغا،تاغلىرىڭنى
قانداقمۇ ئۇنۇتاي،زەپ ئىچىم كۆيىدۇ
سىغىنىپ، ئەركىلەتكەن شۇ چاغلىرىڭنى