2009年3月21日

ئۆزىمىزنىڭ ئىشى

،ئەجەپ خۇش ياقتى بۇ گەپ دىمەككە ئۆزىمىزنىڭ ئىشى
.ئالىم ئەركىن سىدىق دەيدۇ -مىللەت ئىشى ئۆزىمىزنىڭ ئىشى
،ئەزىمەت، ياشاپ كىتىڭ ئۆزۇڭ يات ئەلدە غىمىڭ بۇ ئەلدە
ئارامىڭ يوق ھىچ كۆكتىمۇ، پىچىرلايسەن- ئۆزىمىزنىڭ ئىشى
،راست، ئەل غىمى يىمەي ھىچكىم ھىچ قۇت تاپالمايدۇ
كۆزدىن يىراق يۇتسىمۇ گەر بىلمەكلىك، ئۆزىمىزنىڭ ئىشى
مەيلى ،خەلقىمىز نادان جاھالەتتە بىلمەيدۇ قەدرى
قىلماققا ئادا پەرھىزدۇر ئەل ئىشى ،ئۆزىمىزنىڭ ئىشى
يىزىق كۆچتى،كۆچىۋاتىدۇ بەس-بەستە، تالاش تارتىشتا
ئامما ياق دەيدۇ،ئامال يوق دىمەيدۇ باش، ئۆزىمىزنىڭ ئىشى
سۇكۇت تۇرما!قوپ ئورنۇڭدىن ئالىم،ئابىت، زىيالىلار
يولدىن چىقما خاندىن قوقما دە ھەقىقەت، ئۆزىمىزنىڭ ئىشى
يوقسۇزلۇق يامان،ھەتتا ئاچلىقتا كۇرمىڭ ئادەم
ئۇندا نە دەرمان مەھرۇم ھەممىدىن، ئۆزىمىزنىڭ ئىشى
سىياسەت ئوبدان ھەممە باراۋەر ئادالەت ياقلار
دوپپىسىنى دىسە بىشىنى ئەكىلىپ ،ئۆزىمىزنىڭ ئىشى
قارىساڭ كۆزۇڭنى، دىسەڭ تىلىڭنى ھەممە ئەندىشە
دەت بولدى ئەمدى قانداق قىلىمىز،ئۆزىمىزنىڭ ئىشى
!يوقالسۇن! نادانلىق، يوقالسۇن! ئىتىپاقسىزلىق، يوقالسۇن
كەل! چۇقان سىلىپ خەلق ئاقارتىلى،ئۆزىمىزنىڭ ئىشى