2009年4月10日

بالىلار قالايمىقان پۇل خەجلىمىسۇن

ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىختىسات باشقۇرۇش تەلىمى ياخشى بولمىسا بالىلار قالايمىقان پۇل خەجلەيدۇ.مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارايدىكەن- بىرىنجى:نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىغا ئائىلىنىڭ ئەمىلى ئىختىسادى ئەۋالىنى يۇشۇرىدۇ.بايلار بولسا بالىلارغا ھازىرقى بۇ پۇللارنىڭ مىڭ جاپادا قانداق كەلگەنلىكىنى دىمەيدۇ،نامراتلار بولسا بالىلارغا يوقسۇزلىغىنى يۇشۇرىدۇ،ھەتتا ئۆزى يىمەي،كىيمەي بالىغا ياخشى يىدۈرۈپ،كەيدۈرۈپ، تارتىۋاتقان جاپاسىنى تىنمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بالىلاردا ھىچ بىر پۇل بولمىسا قانداق بولىدۇ؟ دىگەن ھىسىيات بولمايدۇ-دە پۇلنى تىجەپ خەجلەشنى ئەسلا ئۇقمايدۇ.ت

ئىككىنجى:ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ئەھۋالىغا قاراپ ئىستمال قىلىش ئىڭى تۆۋەن بولغانلىقتىن،بالىلارنى توغرا ئىستىمالغا يىتەكلەش ئىڭى كامچىل،پۇل تىپىشنى بىلمىگەن بالىلار،پۇل خەجلەشنىمۇ بىلمەيدۇ،شۇڭا ئۇلار كۆرگەنلىكى نەرسىنى ئالغۇسى،يىگىسى كىلىدۇ،ئەزىنىنى ياراتماي قىممىتىگە يۇگۇرىدۇ،ئىلانغا ئىشىنىپ مودا قوغلۇشۇپ كىتىدۇ-دە نۇرغۇن پۇل بىكارغا ئىسراپ بولۇپ كىتىدۇ.ت

ئۈچۈنجى:ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇلغا چوقۇنۇش ئىددىيىسى بەك كۇچلۇك ۋە جەمىيەتتە پۇلدارلارنىڭ ئەيش-ئىشرەتلىك تۇمۇشى بالىلارنىمۇ پۇلغا ئامراق،تەيار پۇلنى خەجلەپ ھوزۇر-ھالاۋەت سۇرۇشكە تىخىمۇ قىزىقتۇرۇپ كىتىۋاتىدۇ.ت

دىمەك،ئاتا-ئانىلار بالىلارغا پۇل تىپىش ۋە پۇل تىجەپ خەجلەش توغرىسىدىكى تەلىم -تەربىيىگىمۇ سەل قارىماسلىق كىرەك.ت