2009年4月12日

ئىلاجىم يوق

تالا –تۇزدە پىتنە پاسات كۆپ، ئىلاجىم يوق
ئۆيدىن چىقماي بەنت بولۇشقا، ئىلاجىم يوق
يازلىق قىزلار رەڭ تۈزەشتى يالاڭاچ بولۇپ
تاقىتىم تاق، ئاچچىق يۇتماي، ئىلاجىم يوق


كۆڭۈل دەپلا داخىلمىز تويغا، ئىلاجىم يوق
ئىچىپ –چىكىپ،تاڭسا ئويناپ ئىلاجىم يوق
گۇمۇر –مۇڭۇر غەيۋەت تولا ،تىتىقسىز پاراڭ
قۇلۇغۇم ئىتتىك ئاڭلىماسلىققا، ئىلاجىم يوق

بىر نامازغا مىڭ پەتىۋا بار ، ئىلاجىم يوق
مەزھەپ ئارا تالاش-تارتىشلا، ئىلاجىم يوق
مەسچىت يىقىن بارالمايمەن باناھىم تولا
ئۆيدە نامازنىڭ ساۋابى كەمتى، ئىلاجىم يوق

دوست قاپقانچى ۋاپاسى يوق، ئىلاجىم يوق
رەقىب ھىلىگەر ئاشكارى يوق، ئىلاجىم يوق
تېنىم ساقتۇر،قەرزىم يوقتۇر شۇكرى دىدىم
خۇشتار ئەمەس ئامەتكە ھىچ، ئىلاجىم يوق

ساختىسى تولا بۇ بازارنىڭ ، ئىلاجىم يوق
يىمەي،كەيمەي بولمايدىكەن، ئىلاجىم يوق
نىيىتى قارىلار، ھالال –ھارام ئايرىمايدۇ
ئىنساۋى يوق سودىگەرنىڭ، ئىلاجىم يوق

ئايال كىشى راستقا خۇشى يوق، ئىلاجىم يوق
بالا دىگەنمۇ بەڭۋاش ئىكەن، ئىلاجىم يوق
تۇرمۇشتا شۇ، يول قويماقلىق-ئەڭ دانالىق
سىنىڭ راست دەپ ئۆتمەي ئۆزگە، ئىلاجىم يوق

يىغىن تولا ئىش ئورنىدا ، ئىلاجىم يوق
شەكىلۋازلىق،ھەممىسى يوق گەپ، ئىلاجىم يوق
ئىشىم كۆپتۇر ، بىكار ئەمەس ماشنا ئادەمدەك
باھالاشتا نومۇرۇم نول ، ئىلاجىم يوق

بالىلار ئوقۇيدۇ قوش تىللىقتا، ئىلاجىم يوق
"ئا"نى بىلمەيدۇ ئۇيغۇرچىدا ، ئىلاجىم يوق
ئەمەلگە بەك ئامراق،بىلىمگە ئۆچ، ئىش بىشىلار
ھەق گەپ قىلمايدۇ ،ئۆزىنى ئويلايدۇ، ئىلاجىم يوق

مەن ئالتە شەلىك-سەھرا بالىسى ، ئىلاجىم يوق
ئۇدۇم يۇرتۋازلىق ھەم كۆرەلمەسلىك ،ئىلاجىم يوق
ئەر –ئايال دىمەي،چوڭ-كىچىك دىمەي ھەممىسى ئوخشاش
ياتتا گۇنا يوق،ئۆزىمىزنىڭ ئىشى، ئىلاجىم يوق

يىلدىن –يىلغا تەس بىز خەقنىڭ كۈنى، ئىلاجىم يوق
ھىچ گۇمان يوقتۇر ،زۇۋال تاپماققا، ئىلاجىم يوق
تەرەققىياتمىش شەھەر-شەھەردە ،غارايىپ دۇنيا
ئەقلاق بۇزۇلغان،ساپاسىمىز يوق، ئىلاجىم يوق

بايلارغۇ تولا،قارا قوساق كىلىدۇ، ئىلاجىم يوق
زىيالىمۇ كۆپ،سۆلەتۋاز كىلىدۇ، ئىلاجىم يوق
ھەق ئىش،ھەق گەپكە ،- مانا مەن، دىمەس بىر
نىمە دەپ ياشايدۇ؟ بىلىپ بولمايدۇ، ئىلاجىم يوق

مىڭلاپ قىزلىرىمىز كۆچىغا چىكەتتى ، ئىلاجىم يوق
مىڭلاپ ئوغلانلار ئوغرى ئاتالدى، ئىلاجىم يوق
يوقسۇزلۇق يامان تاشتىمۇ قاتتىق،يىمىسە بولماس
چۇنكى ئىشسىزلىق ئەۋجىگە چىكەتتى، ئىلاجىم يوق

مەنغۇ مۇنداقلا دەپ قويدۇم خالاس، ئىلاجىم يوق
يەنە گەپ بارتى تۈگۈمەيدىغان، ئىلاجىم يوق
بىلىمەن، ھەممىنىڭ كۆڭلىگە تايىن،يېڭىلىق ئەمەس
ئىچىم ئاچچىق بوپ ،ۋاي دات دىدىمغۇ، ئىلاجىم يوق

خوش! دوسلار سۆزۇم تامام بولسۇن ، ئىلاجىم يوق
ھاياتلا بولسام يەنە دەپ كىلىمەن، ئىلاجىم يوق
شۇنىسى راسكى، ئەڭ چوڭ ھوقۇق- تاللاش بىزدە
ئوقۇ!ئۈگەن!ئىشلە!،باشقىغا ھىچ ئىلاجىم يوق