2009年4月13日

كىشىلىك تۇرمۇشتىكى موھىم مۇناسىۋەتلەر

نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتنى مۇۋاپىق بىر قىلالماي ،بىلىپ -بىلمەي ئۆزىنى ھەم باشقىلارنى رەنجىتىپ قويىدۇ،مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەن دەرجىسىنى ئاستىن- ئۇستىن قىلىپ،تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلالمايدۇ-دە،ياراتقان ئىگىسىنى تونۇمايدىغان،ئۆزىنىڭ روھى ۋە تەن ساغلاملىغىغا ئىرەن قىلمايدىغان،ئاتا-ئانىدىن بالا-چاقىنى ئۈستۈن كۆرىدىغان،بىر قوساق قىرىنداشتىن دوس-يارەلەرنى ئۈستۈن كۆرىدىغان،خۇلۇم -خۇشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتمەيدىغان،ئۆزىنىڭ جەمىيەتتىكى بۇرچىنى تونۇپ يەتمەيدىغان قاتارلىق نامۇۋاپىق مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە ياشايدۇ،ئاخىرىدا ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.تۆۋەندە دىنى ئەقىدىمىز تەشەببۇس قىلىدىغان مۇناسىۋەتلەرنى قەيىت قىلىپ ئۆتىمەن،ھەر كىم ئۆز كاللىسى بويۇنچە چۈشۈنۈپ ئىش كۆرسە بولىدۇ.يەنى
بىرىنجى:ئىنساننىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ئىككىنجى:ئىنساننىڭ ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ئۈچۈنجى:ئىنساننىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
تۆتۈنجى:ئىنساننىڭ ئەر-خوتۇن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
بەشىنجى:ئىنساننىڭ پېرزەنتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ئالتىنجى:ئىنساننىڭ ئۇرۇق -تۇققانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
يەتتىنجى: ئىنساننىڭ خۇلۇم-ىۇشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
سەككىزىنجى: ئىنساننىڭ دوس-بۇرادەرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
توققۇزىنجى :ئىنساننىڭ جەمىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى