2009年4月15日

ئاتا-ئانىلارغا ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار

بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىسىل ئادەتلىرىمىزنىڭ بىرى- پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا ياخشى قاراپ،ئاتا- ئانىلارنىڭ كىيىنكى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىشىگە يار-يۆلەك بولۇش ئىدى.لىكىن بۈگۈنكى كۈندە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەسلى تەربىيىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن،ياكى پەرزەنتلەرنىڭ ۋاپاسىزلىغىنىدىن، نۇرغۇنلىغان پەرزەنتلە ر ئۆز مەسۇلىيىتىدىن قىچىپ،ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن قىلچە كارى بولمايلا قالماستىن،تىخى ئىختىسات،روھى جەھەتتىن نۇرغۇن ئازار بىرىۋاتىدۇ.ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر دۆلىتىمىز جۈملىدىن رايۇنىمىزدىمۇ ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى تىز سۇرەتتە ئىشىۋاتىمىش،ھازىر ۋە يىقىن كەلگۈسىدە ياشانغانلار تۇرمۇشى مەسىلىسىمۇ بىر ئىجتىمائى چوڭ مەسىلە بولۇپ قاپتۇ.ت
پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىللىرىنى تاللاش ھوقۇقى يوق بولۇپ،ئاتا-ئانىلار مەيلى باي ياكى گاداي،مەيلى ساق ياكى ئەيىبكار،مەيلى سەت ياكى چىرايلىق بولسۇن، ئۇلار بىزنىڭ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشىمىزغا تۈركى بولغان،كىچىك چىغىمىزدىن -تا ھالى يەتكۇچە بىزنى بىقىپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان،ئۇلارنىڭ بۇ ئەجرىنى ھەرگىز قايتۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ.ئاتا-ئانىلارمۇ ئەلۋەتتە بىزدىن ئەجىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ،ئەكسىچە پەرزەنتلەرنى ياخشى كۈن كۆرسىكەن دىگەن ئۈممۈتتە ياشايدۇ.ئاتا-ئانىنىڭ قەدرىنى كۆپۇنچە پەرزەنتلەر ئۆزى ئاتا-ئانا بولغاندا چۈشىنىپ يىتىدۇ.دىمەك بىز پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىللىرىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش پەرىز ھەم قەرزى بولۇپ،ئۇنىڭدىن باش تارتىشقا،ھاتتا كەينىگە سۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ.ئەپسۇس ھازىر بالىلار يوغىنىۋىلىپ،ئۆزىنىڭ خوتۇن ،بالا-چاققىلىرى بىلەنلا بولۇپ ئاتا-ئاتا ئانىسىنىڭ ھالى نىچۇن كارى يوق،ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىچى دەرياكى ئۇلار ھىچنىمە تەلەپ قىلمايدۇ،پەقەت بالىللىرىنىڭ ئىمكان بار يىنىدا بولۇپ ھال -مۇڭ قىلىشىنى،باش ئاغرىغى چىش ئاغرىغىدا بىشىدا تۇرۇشىنى،ياخشى كۈننىڭ يامىنى ئۆلۈپ كەتسە، ئەل جامەت ئالدىدا ئاتا-ئانىسىغا ئوبدان قارىغان دەپ دۇئاسىنى ئىلىشنى ئارزۇلايدۇ.بەزى پەرزەنتلەر شۇنداق ساددا ئويلايدۇكى ئاتا-ئانىسىغا يىتەرلىك تۇرمۇش خىراجىتى بىرىپلا سايىسىنى كۆرسەتمەيدۇ.ئۇ بىچارە ئاتا-ئانىنىڭ پۇلدىن ئەمەس كۆڭۈلدىن بالىغا تارتىشىۋاتقانلىغىنى بىلمەيدۇ ياكى بىلمەسكە سالىدۇ.پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس،ئاتا-ئانىلرنىڭ يوغان-يوغان يەيدىغان،كىيەلەيدىغان،بازارغا بىرىپ پۇل خەجلىيەلەيدىغان ۋاقتى ئۆتتى،ئۇلار پەرزەنتلەر بەرگەن پۇلنى كۆڭلى دەپ ئىلىپ سادۇققا ياكى يوتقان -كۆرپە ئاستىغا قويۇپلا قويىدۇ- خالاس.بولۇپمۇ ياشانغان ئاتا-ئانىللىرىمىزغا ئارام بىرىپ كۆڭلىنى ئۆستۈرىدىشدن پۇل ئەمەس،بەلكى ئەتىگەن -ئاخشامدا باللىرى ،نەۋرىللىرى بىلەن جەم بولۇپ،ئۆتكەن كۇنلىرىنى ئۆرۇپ ھىكايە قىلىپ،باللىرى يىگەننى يەپ،كۆرگەننى كۆرۈپ،بىلگەننى بىلىپ،قىزلىرى ياكى كىلىنلىرى يۇيۇپ دەزمالاپ قويغان كىيىم -كىچىگىنى كىيىپ،دەم ئىلىش كۈلىرى باللىرى،نەۋرىللىرى بىلەن تالا-تۈزگە چىقىپ ئايلىنىپ، بۇ بەختىيار كۇنلىرىدىن ھوزۇر ئىلىپ شۇكرى قانائەت تىپىش، باللىرىنىڭ بەختىدىن ئۆزىمۇ تەڭ كۆڭۇل ئارامى تىپىشتۇر.توۋا دىمىسە ھازىر ئەتراپىمىزدا ھەر قىسىم ئىشلار بولىۋاتىدۇ،ھەتتا ئاتا-ئانىسىنى خارلاپ ،ئۇرۇپ-تىللاپ،دوق قىلىپ ئۇلانىڭ ئاخىرقى كۈنىنىمۇ ئارامىدا قويمايۋاتىدۇ.ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى بالىلارنىڭ ئاتا-
ئانىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش ىمەسئۇلىيىتى قايسى تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ؟
بىرىنجى:ماددى تۇرمۇش جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىش؛يەنى پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرمۇشىغا زۈرۈر بولغان يىمەك-ئىچمەك،كىيىم كىچە ك،تۇرالغۇ ئۆي،ئۆي سايمانلىرى،تىلۋىزور،رادىئو دىگەندەك كوڭۈل ئىچىش ئەسۋاپلىرى،تىلڧوندەك ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنلىرى تەل بولۇش قاتارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان لازىمەتلىكلەر.ت
ئىككىنجى:مەنىۋى،يەنى روھى تۇرمۇش جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىش:يەنى پەرزەنتلەر پات-پات يوقلاپ تۇرۇش ياكى بىرگە تۇرۇش،ئاتا-ئانىسى تۇل بولسا جۇرا تىپىشىغا رۇخسەت قىلىش ياكى ياردەم قىلىش،دوس -بۇرادەرلىرى بىلەن بىرگە بولۇش،ئاممىۋى سورۇنلارغا قاتنىشىش،باردى-كەلدى قىلىش،سەيلە-ساياھەت قىلىش،ھەممە ئىشلادىن خەۋەردار قىلىش،مەخپىيىتىگە دەخلى تەرۋىز قىلماسلىق،ئىگىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلماسىلىق قاتارلىق ئاتا-ئانىنىڭ كۆڭلىنى ئۆستۈرىدىغان تەرەپلەر.ت
يۇقارقى تەرەپلەردىكى پەرزەنلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق-ئۇ بىر ئىسىل ئەن-ئەنىللىرىمىزگە قارشى مۇقام توۋلىغانلىق بولۇپ،خەلىقنىڭ نەپرىتىگە،ھەتتا كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئەنتىگە قالىدىغان -ئەل قىساسى مىنەل ھەق ئىش.شۇنداقلا ھازىرقى قانۇن-تۈزۈملەرگىمۇ خىلاپ قىلمىش بولۇپ،نىكاھ قانۇنى ھەم ياشانغانلار ھوقۇق -مەنپەتى قوغداش قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمە بويۇنچە جازالىنىشقا ئۇچرايدۇ.ت