2009年4月15日

قانداق قىلغاندا ئاتا-ئانىنىڭ دۇئاسىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

سۇ بىلەن زىمىن كۆكلەيدۇ،دۇئا بىلەن ئەر،بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىغا قىلغان رازىمەنلىك دۇئاسى بالا ئۇچۇن ئەڭ كاتتا ئىنئام.نۇرغۇن پەرزەنتلەر گەرچە ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلىسىمۇ لىكىن يەنىلا ئۇنداق-مۇنداق ئاتا-ئانىلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ.قانداق قىلىش كىرەك؟
بىرىنجى:ھۆرمەتتە ئاتا-ئانىلارنى ئەڭ ئۈستۈن كۆرۇش لازىم.ئۇلارغا تەنە قىلماسلىق،ۋاقىرماسلىق،جىدەل قىلماسلىق،گەپ ياندۇرماسلىق،قول ياندۇرمسلىق ،مەسخىرە قىلماسلىق،بۆزەك قىلماسلىق قاتارلىق ئىززەت ھۆرمىتىگە زىت قىلمىشتىن ساقلىنىش.كونىلاردا ئاتا-ئاناڭ رازى خۇدا رازى دىگەن گەپ بار.ت
ئىككىنجى:روھى تەسەللى بىرىپ تۇرۇش لازىم.يالغۇز قويماسلىق،ساياھەت قىلدۇرۇش،پات-پات جەمەت بويۇنچە جەم بولۇش،سوۋغا تەقدىم قىلىش قاتارلىق كوڭلى ئۆسىدىغانلىكى ئىشنى قىلىش.ت
ئۈچۈنجى:تۇرمۇشتا كۆڭۈل بۆلۈش لازىم:كىسىلىنى داۋالىتىش،يىتىپ -قوپۇشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بىرىش،يىمەك-ئىچمەك ،كىيىم-كىچىگىگە ئىتىبار بىلەن قاراش قاتارلىق ئاتا-ئانىلانىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئىلىش.ت
تۆتۈنجى:ھال-مۇڭ بولۇپ تۇرۇش لازىم.ياشانغانلار گەپكە ئامراق،ئۇنىڭ ئۈستىگە جىمخورلۇق سالامەتلىككە زىيانلىق.شۇڭا پەرزەنتلەر چوڭ-كىچىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاتا-ئانىسىغا دەپ بىرىشى،ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ ئۆتكەن ئىشلارنى ھىكايە قىلىپ بىرىشىنى سورىشى ،ھازىرقى تۇرمۇش ئەھۋالىدىن رازىمۇ ئەمەسلىگىنى سوراپ تۇرۇش قاتارلىق.ت
ئىختىساتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ،مەنىۋى جەھەتتىكى ئىھتىياجمۇ كۈندىن-كۈنگە ئىشىپ بىرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،ئاتا-ئانىمىزنىڭمۇ ئۈلىشى بارلىغىنى ئۇنتۇپ قالمايلى.ت