2009年4月20日

مىراسخورلوق داۋاسى ھەققىدە

بەزى بالا-ۋاقىسى كۆپ ئائىلىلەردە،بولۇپمۇ باي ئائىلىدە ،بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مىراسخورلۇق ماجراسى دائىم يۈز بىرىپ تۇرىدىغان ئەھۋال بولۇپ،ۋاپاسىز پەرزەنتلەرئاتا-ئانىسى تىخى ھايات تۇرۇپ، مىراس بۆلۈشۈپ،شۇ ئۆلۈش بويۇنچە چوڭلارنىڭ كىيىنكى ھالىدىن خەۋەر ئىلىش ۋەزىپىسىنى تەخسىملەپ،ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلىگە بەك ئازار بىرىپ قويىدۇ.بىلىشىمىزچە ئۆز ئىچىدىن كىلىشەلمەي سوتقا چۇشكەن نۇرغۇن مۇشۇ خىلدىكى داۋالار بارمىش.سىياسى-قانۇن نوقتىسىدىن چۇشەندۇرگەندە ،ھەر قانداق بىر ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ۋەسىيىتى- مۇناسىۋەتلىق مىراسخورلارنىڭ ماقۇللىغىدىن ئۆتۈپ،جامائەت گۇۋالىق ئورۇنلىرىنىڭ گۇۋالىق بىرىشى رەسمىيەتلىرىدىن ئۆتكەندىن كىيىن قانۇنى كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.ئەلۋەتتە مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش باجلىرىدىن خالى بولغىلى بولمايدۇ.لىكىن بۇ يەردە تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز -ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان ئەھلىدىن دەپ تونۇيدىكەنمىز، چوقۇم مىراس بۆلۇشمۇ شۇ ئىسلام قانۇنى بويۇنچە تەخسىملىنىشى كىرەك.ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىلارمۇ ھەم شۇ ئىسلام قائىدىسى بويۇنچە ئىش كۆرۇپ ،ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ئۇۋال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.ئىسلامدىكى مىراس ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى بىر قەدەر نازۇك مەسىلە بولۇپ،ئۇنى بۇ يەردە چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزمەن.ئىمكان بولسا يۇرتتىكى ئىلىملىك ئۆلىمالاردىن مەسلىھەت سورىسا ياكى مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردىن پايدىلانسا بولىدۇ.دىمەك پەرزەنتلەرگە نىسبەتەن ئاتا-ئانىغا ۋاپادارلىق قىلىش پەرىز بولۇپ،ئاتا-ئانىنىڭ باي ياكى نامراتلىغى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بالىلارغا ئوخشاش قارىشى پەرىز بولۇپ،بالىلارنىڭ بارلىق-يوقسىزلىغى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.ھازىر ئادەملەر ھەممىلا ئىشقا ئالدىرايدۇ،ھەتتا ئۆلۇمگىمۇ ئالدىراپ، زىمىن ئىگەللەپ قەۋرە قاتۇرۇپ،تاققا-تۇققا ۋەسىيەت قالدۇرۇپ، بۇ دۇنيالىق رىسقى تۈگمەي تۇرۇپ خاتا ھالدا ئۆلۈم غىمىدە يۇرىيدۇ. ئەمىلىيەتتە،توغرا ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەر ئەڭ چوڭ ئۆلۇمنىڭ تەيارلىغى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئسلام يولىدا داغدام ماڭالىغان ئاتا-ئانىغا ۋە پەرزەنتلەرگە نىسبەتەن، ھاياتلىقتا مال-دۇنيا ھەۋىسىدە ياشاش ئانچە موھىم ئەمەس-ئەلۋەتتە.ئۆلىمالار شۇنداق دەيدۇ-ئۆزۇڭ،ئائىلەڭ ئۈچۈن قىلغان خىراجەت پۇلۇڭ سىنىڭ،باشقىلارغا ياردەم قىلغان سەدىقە پۇلۇڭ ھەم سىنىڭ،بانكىدىكى ئامانەت پۇلۇڭ،ھەتتا يانچۇغىڭدا غەجلىمەي تۇرىۋاتقان پۇلۇڭمۇ سىنىڭ ئەمەس.شۇڭا مال-دۇنيا تاپ ياخشى ئىشقا سەرىپ قىل،شۇند بۇمال -دۇنيالىرىڭ ئىككىلى دۇنيا ساڭا تەئەللۇق بولىدۇ.ت