2009年4月20日

ھازىرقى بالىااردا ئاتا تەربىيىسى يىتەرلىك ئەمەس

تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، 60 پىرسەنتىن كۆپرەك تورداشلار ھازىرقى بالىلارنىڭ تەربىيىسىدە ئاتا تەربىيىسى كامچىل دەپ قارايدىكەن.ت
ئەر كىشى تالادا پۇل تىپىشى كىرەك،ئومۇمەن مۇشۇنداق قاراشتا بولغانلىقنىڭ سەۋەبى بىلەن بالىلارنىڭ تەربىيىسدە ئاتا تەربىيىسى كەم.دىمىسىمۇ ھازىرقى ئەرلەردە تۇرمۇش بىسىمى،خىزمەت بىسىمى،كەسپ بىسىمى دىگەندەك بىسىملا كۆپ بولۇپ كەتتى.شۇنداقتىمۇ، مەيلى ئەخلاق نوقتىسىدىن، مەيلى مەسئۇلىتەت نوقتىسىدىن بولسۇن ،ئاتا بولغۇچىنىڭ بالا تەربىيلەش مەسىلىسىدىكى ئۆزىنى قاچۇرۇش پوزۇتسىيىسىگە يول قويغىلى بولمايدۇ.ت
ئاتا بولغۇچى بالىلارنى قانداق تەربىيىلىشى كىرەك؟
ئەڭ ئاددى جاۋاپ شۇكى-ئاتا بولغۇچى ئاۋال ئۆزىنىڭ سۆز-ھەركىتىگە دىقەت قىلىپ،ياخشى ئۈلگۈ بولۇپ،پات-پات بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ،دوستەك بولۇپ،كۆپۇنچە بىرگە ئويناپ،ياخشى چىقىشىپ،بىرگە چىنىقىپ،سەيلىگە چىقىپ دىگەندەك پۇرسەت بولسىلا بالىلار بىلەن بىرگە بولۇپ،ئۇلارنى يۈرۈش-تۇرۇش،ئەخلاق جەھەتتىن توغرا يىتەكلەش،ناچار قىلىقلىرىنى ۋە ئىددىيىسىنى چەكلەش،ئۈگۈنەشىگە ئاكتىپ يىتەكچىلىك قىلىش لازىم.ت
بالىلار ئەڭ ئاۋال ئاتىسىنى دوراپ چوڭ بولىدۇ،ئاتىلارنىڭ بالىلار ئالدىدىكى روىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.شۇڭا ئەقىللىق ئانىلار بالىللىرى ئالدىدا ئەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى زىيادە قىلىدۇ. ت