2009年5月12日

سىز نىمىدىن ئەنسىرەيسىز؟

كىشىلىك ھاياتتا خاتىرجەملىك ھەممىدىن ئەۋزەل.بىراق،خۇددى ھەر كۇنى قۇياش چىقىپ جاھاننى يورۇتۇپ ئىللىتسا ھىچكىممۇ ئىرەن قىلماي،ھاۋا تۇتۇلۇپ،جاھان قاراڭغۇلۇشۇپ،سوغۇق ئۆتكەندە قۇياش قىنى دەپ ئاسمانغا قاراپ ئىزدىگەنگە ئوخشاش، نۇرغۇن ئادەملەر ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنىڭ قەدرىنى باردا بىلەلمەيۋاتىدۇ،يوقالدىمۇ- ئىزدەپ،ئەنسىرەپ يەنە تاپالمايۋاتىدۇ.بىز قەدرىنى بىلەلمەيۋاتقان،سىز ئەنسىرەۋاتقان نەرسىلەر نىمە؟.ھەر كىم ئۆزى ئويلاپ باقسۇن!!!ت
بۇ ئاي بۇ كۇنلەدە ،ئومۇمى جەھەتتىن خۇلاسىلاپ كۆرسەك ،بىزنىڭ ئاساسلىق ئەنسىرەيدىغان مەسىلە ئىككى تۇرلۇك-شەخسى مەسىلە،جەمىيەت مەسىلىسى.ت
شەخسى مەسىلىدە:ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يىتىپ قىلىش ۋە خىزمەتتىن توختاپ ئىشسىز قىلىش.دىمىسىمۇ،ئۆلگەننىڭ ئۇستىگە تەپمەك دىگەندەك ،مىللىتىمىزىڭ ئىختىسادى جەھەتتىكى نامراتلىغى ،دىھقاندىن تارتىپ كادىرغىچە،كىچىككتىن تارتىپ چوڭىغىچە بىر پاتمان غەم-ئەندىشىگە سالدى.ھۆكۇمەتنىڭ غەللە- پاراقلىرىنى تۆلەيمۇ،ئەمىن ئۆي سالايمۇ،بالا ئوقۇتايمۇ،توي قىلايمۇ،ئۆي ئالايمۇ،قەرىز تۆلەيمۇ،ئىش تاپايمۇ...ۋاي-ۋۇي،بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز خەقنىڭ غىمى.شۇڭا،بۇنداق چاغدا ئاغرىپ قىلىشتىن،قىلىۋاتقان ئىش- ئوقىتى ياكى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن-ئامىن!ت
جەمىيەت مەسىلىسى:مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كىتىشى ۋە جەمىيەت قالايمىقانچىلىغى.ئەمىلىيەتتە،مىللىتىمىز تىخى قوساق توق،كىيىم پۇتۇن بولۇش ھاللىق سەۋىيەسىگە يەتكىنى يوق.مىللەتلەر ئىناق،جەمىيەت باياشات دىگەنلەرمۇ- ئىنتاڭ.شۇڭا ،بۇنداق چاغدا مال باھاسىنىڭ بولۇپمۇ يىمەك ئىچمەكنىڭ ئۆرلەپ كىتىشىنى ،ئانداقچى،مۇنداقچى دەپ ئەل ئىچىدە پاراكەندىچىلىك سىلىپ ، جەمىيەتنىڭ تىنچلىغىنى بۇزۇشنى ھىچكىم خالىمايدۇ. ت