2009年5月11日

ئەقىللىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى ئۈچ ئىشى

بىرىنجى:ياخشى بولغان پەرزەنتلەر مۇناسىۋىتىنى يىتىلدۇرۇش لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن،بىرى:ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ سەۋەنلىكلىرىگە ئالدىراپلا توغرا-خاتا دەپ ھۆكۈم قىلماستىن،ئاۋال ئىشنىڭ تىگى -تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ،بالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنۈش ئاساسىدا مۇۋاپىق بىر نەرسە دىيىش لازىم.يەنە بىرى:ھەر ئىشتا بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئىشىنىڭ توغرا خاتالىغىغا ئۆزى ھۆكۈم قىلىشىغا ئىلھاملاندۇرۇش،ئۇلارنى ماختاش ئارقىلىق ياخشىلىققا دەۋەت قىلىش.ئاخرىدا:ئاتا-ئانىلار ھەدەپ بالىلارنىڭ يىغىرىنى تاتىلاپ ئەيىپلىمەستىن،بالىلارنىڭ خاتالىق كەشمىشى ئارقىلىق جانلىق ساۋاق ئىلىپ توغرا يولنى ئۆزى بايقاشقا پۇرسەت بىرىش لازىم.ت
ئىككىنجى:ئاتا-ئانىلار بالىلاردا توغرا بولغان ياخشى ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۈش لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن،بىرى:ئاتا -ئانىلار بالىلاردا ياخشى تۇرمۇش ئادىتى-يىمەك-ئىچمەك،گەپ-سۆز،كىيىم-كىچەك،ئىبادەت قىلىش،يىتىپ-قوپۇش،تازىلىق،كۆڭۈل ئىچىش،ئارام ئىلىش ئادەتلىرىنى يىتىلدۈرۈش لازىم.يەنە بىرى:ئاتا -ئانىلار بالىلاردا توغرا بولغان ئۈگۈنۈش ئادىتى -دەرىس ۋاقتىدا دىققەت بىلەن ئاڭلاش،چۈشەنمىگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا سوراپ بىلىش،دەرىستىن چۈشكەندە شۇكۇنلۇك دەرىسنى ۋاقتىدا تەكرار قىلىش،ئەتىلىك دەرىسلەرنى ئالدىن ئۈگۈنۈش،دەرىسلىك كىتاپتىن باشقا كىتاپ كۆرۈش،تەجىربە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئادەتلىرىنى يىتىلدۈرۈش لازىم.ئاخىرىدا:ئاتا-ئانىلار بالىلاردا ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادىتى-چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش،باشقىلارغا ياردەم بىرىش،غەيۋەت قىلماسلىق،ھەسەت قىلماسلىق،ئۇرۇشماسلىق،باشقىلارغا يول قويۇشئادەتلىرىنى يىتىلدۈرۈش لازىم.ت
ئۈچۈنجى: ئاتا-ئانىلار بالىلاردا توغرا كىشىلىك ھايات قارشى تەربىيىسى ئىلىپ بىرىش لازىم.بۇنىڭ ئۇچۇن بىرى:ئاتا-ئانىلار بالىلاردا ئىسلام دىنى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش لازىم.يەنە بىرى:ئاتا-ئانىلار بالىلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى كۈچايتىش لازىم،ئاخىرىدا:ئاتا-ئانىلار بالىلاردا مىللەتپەرۋەرلىق تەربىيىسىنى ھەم كۈچايتىش لازىم.ت