2009年5月4日

بەك كەپسىز بالىلارنى قانداق قىلساق بولار؟

سەۋەبىنى تىپىپ ئىش كۆرىمىز:ئاۋال بالىنىڭ مۇنچە كەپسىزلىشىپ كىتىشىنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ تاپىمىز.يەنى

باشقىلارنى دوراۋاتامدۇ؟-شۇنداق بولسا،چوقۇم ئاۋال بالىغا يامان تەسىر بىرىۋاتقان ئۆيدىكى ئاتا-ئانا،ئاكا-ئۇكا،ئاچا-سىڭىللارنى،يىقىن باردى-كەلدى قىلىپ تۇرىدىغان ئۇرۇق-تۇققان،دو-بۇرادەرئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى،خۇلۇم-خۇشنىلارنى، قاتتىق ئاگاھلاندۇرىشىمىز بىلەن بىرگە بالىغا توغرا-خاتا،ھەق-ناھەق تەربىيىسىنى كۈچايتىش لازىم.ت

ئاتا-ئانىلار يامان ئۈگۈتۈپ قويدىمۇ؟-شۇنداق بولسا ئاتا-ئانىلار مۇندىن كىيىن بالىنىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە قەتئى قوشۇلماسلىق،چوڭ-كىچىك قارشىلىغىغا قەتنى يول قويماسلىق بىلەن بىرگە سەۋەپ-نەتىجىسىنى سەۋرىچانلىق بىلەن بالىغا چۈشەندۈرۈش لازىم.ت

ئاتا-ئانىلار بالىنى بەك باشقۇرۇپ كىتىپ،بالىنى ھۆرمەتلىمەمدۇ؟-شۇنداق بولسا ئاتا-ئانىلار بالىغا بىر ئاز ئەركىنلىك بىرىپ،بالىلارغا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم.ت

بالىلارنى كۆپرەك كۆللىكتىپ تۇرمۇشقا قاتناشتۇرىمىز:ھىيت-بايرام،دەم ئىلىش،تەتىل مەزگىللىرىدىن پايدىلىنىپ بالىلارنى ساياھەت، زىيارەت،يىزا ئەمگەك،تۈرلۈك مۇسابىقە،كۇرۇس قاتارلىق ئاممىۋى ئۇچرىشىش پۇرسىتى كۆپ سورۇنلارغا قاتناشتۇرۇپ ،ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئالاقە ۋە ئەمىلى تۇرمۇش تەجىربە-ساۋاق ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز.ت

بالىلارغا ياردەملىشىپ دوس تاللاپ بىرىمىز:ئوقۇۋاتقان بالىلارغا نىسبەتەن،ئەتراپىدىكى ساۋاقداش ،مەھەللەداش بالىلارنىڭمۇ تەسىرى موھىم بولۇپ،بەك كەپسىز،ناچار ئادىتى بار بالىلار بىلەن بىلىپ-بىلمەي ئارلىشىپ قالغاندا ئۇلارنىڭ يامان تەسىرى يۇقىدۇ.شۇڭا،ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كىم-كىم بىلەن يىقىن ئارلىشىۋاتقانلىغىنى،ئۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرىنى ياخشى چۈشۈنۈپ،يامان بالىلاردىن توسۇپ،ياخشى بالىلار بىلەن ئارلىشىشقا دەۋەت قىلىش لازىم.ت