2009年5月2日

ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆزىنى تۈزىۋالسۇن

بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆينى سەرەمجانلاندۇرۇشقا،ئۆزىنى ياساپ-تۈزەشكە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ-يۇ، ئەپسۇس ئائىلىسىنىڭ روھى كەيپىياتىغا سەل قارايدۇ.ئۇلار بىلىپ-بىلمەي ئائىلىدە مەنىۋى ئەخلەت،پارازىت قۇرۇت پەيدا قىلىپ بالىلارنىڭ ساپ قەلبىگە زىيان سالىدۇ-دە،بالىلارنىڭ تەن ۋە روھى جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە يامان تەسىر بىرىدۇ.يەنى
ئاتا-ئانىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى قوپال: بەزى ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە تىل مەدەنىيىتىگە سەل قاراپ،ئەر-خوتۇنلار دائىم دەۋاتقان گىپىگە دىقەت قىلماي سەت گەپ،قوپال سۆزلەر بىلەن بالىنى تىللاپ ئاغزى بىسىلمايدۇ-دە ،بالىلارنىڭ نازۇك كوڭلىگە بەك ئازار بىرىدۇ.ت
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاچچىغى بەك سەت:بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاچچىغى يامان ،خۇيى ئەسكى بولۇپ،بالىلار كىچىككىنە بىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسىلا سەت تىللاپ،قول تەككۈزۈپ ئۇرۇپ كىتىدۇ-دە ،بالىلارنى قورقۇتۇپ يۇرەك ئالدى قىلىۋىتىدۇ.ت
ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس:ئەر-خوتۇنلار دائىم ئەرزىمەس ئىشلارغا ئۇرۇشۇپ-سوقۇشۇپ،ئائىلىنىڭ كەيپىياتىنى جىددىيلەشتۇرۇپ بىچارە باللىلارنىڭ ئىشتىھاسى،ئۇيقۇسى،ئۈگۈنۈشى،ئويۇن-تاماشاسى قاتارلىقلارغا چوڭ تەسىر قىلىدۇ-دە ،ئۇلارنىڭ كۆڭلى بەك ئازار يەيدۇ،تىنى ھەم ئاجىزلىشىدۇ.ت
ئاتا-ئانىلارنىڭ ناچار ئادەتلىرى بار:بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزى بەك سەل قارايدىغان-يالغانچىلىغى،ئالدامچىلىغى،شەخسىيەتچىلىگى، ھورۇنلىغى،ئۇيقىغا ئامراقلىغى،تازىلىققا دىققەت قىلماسلىغى دىگەندەك كىچىككىنە ناچار ئادەتلىرىمۇ بالىلارغا يامان تەسىر قىلىدۇ.ت
ئاتا-ئانىلارنىڭ ناچار قىزىقىشلىرى بار:بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىگە،بالىسىغا ھەتتا جەمىيەتكە زىيان سالىدىغان -ھاراق ئىچىش،تاماكا چىكىش،قىمار ئويناش،قاتار چاي ئويناش،كىچىدە تاماشا ئويناش قاتارلىق ئىللەتلىرى بالىلارغا يۇقۇپلا قالماستىن، بەلكى بالىلارنىڭ تىنىچ
ئۈگۈنۈش،خاتىرجەم ياشاش،ئەخلاغلىق چوڭ بولۇشىغىمۇ چوڭ تەسىرى بولىدۇ.ت
قىسقىسى،ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر-بىر گەپ-سۆز،ئىش -ئىزلىرى سەت بولسۇن،چىرايلىق بولسۇن،راس بولسۇن،چاخچاق بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش بالىلارنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر ئورۇنلىشىپ،ئۇلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تەسىر قىلىدۇ.بالىلار كۆزى بىلەن كۆرۈپ،كۆڭلىگە پۈكۈپ،ئاخىرىدا دوراپ ئۈگىنىدۇ.شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ساغلام چوڭ بولسۇن دىسەك،ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش،گەپ-سۆزىگە ناھايىتى دىققەت قىلىش زۈرۈر.ت